خىتايدا ئايال لۈكچەكلەر گۇرۇھى قولغا ئېلىندى

ياشلىرى 70 تىن ئاشقان 14 ئايالدىن تەشكىللەنگەن لۈكچەكلەر گۇرۇھىنىڭ جىنايەتلىرى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

787568
خىتايدا ئايال لۈكچەكلەر گۇرۇھى قولغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسىدە بىر گۇرۇپپا ياشانغان ئاياللار كىشىلەرنى ئۆيلىرىدىن كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇرلاش، قەرزىنى تۆلىمىگەن كىشىلەرنى تىللاپ، تۈكۈرۈپ قەرزنى تۆلەشكە زورلىغانلىق جىنايىتى بىلەن قاماققا ئېلىندى.

غەربىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە، ئىسمى ئاشكارىلانمىغان بىر ھۆددىگەرنىڭ ياسىماقچى بولغان يېڭى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن بەزى يەرلىك خەلقىنىڭ ئۆيلىرىنى مەجبۇرى بېكارلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىدە، ياشلىرى 70 تىن ئاشقان 14 ئايالنى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ھۆددىگەر بۇ ياشانغان ئاللارنىڭ كۈنلىكىگە 30 دوللاردىن بەرگەندىن باشقا يەنە، كۈندىلىك تاماق بىلەنمۇ تەمىنلەشكە كېلىشكەن بولۇپ، ياشانغان ئايال لۈكچەكلەر گۇرۇھى ئۆيلىرىنى بوشېتىشنى خالىمايدىغان ياكى قەرزىنى تۆلىمىگەن كىشىلەرگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان.

جاۋ فامىلىلىق بىر شاھىت ئۆزىنىڭمۇ ئۆيىنى بېكارلاپ بېرىشى ئۈچۈن مەزكۇر ئاياللار تەرىپىدىن قورقۇتۇلغانلىقىنى ھەمدە بۇ ئاياللاردىن 8 كىشىلىك بىر گۇرۇپپىنىڭ خوشنىسىنىڭ يۈزىگە تۈكۈرگەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى.

ياشانغان ئايال لۈكچەكلەر گۇرۇھىنىڭ قۇربانى بولغان چاڭ فامىلىلىق يەنە بىر كىشى، مەزكۇر ئاياللاردىن بىرسىنىڭ ئۇنىڭ جىنسىي ئورگىنىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ۋە داۋالىنىش ئۈچۈن 150 دوللار كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھۆددىگەر تەرىپىدىن ياشانغان ئايال لۈكچەكلەر گۇرۇھىغا يەرلىك بىر ئۇسۇل كولىبىدىن ئەزالىققا ئېلىنغان يەنە بىر قېرى ئايال، بۇ ئىشنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن كۆڭۈل ئېچىش ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن باشقا ھەقسىز تاماقنىڭمۇ بۇ ئىشنى تېخىمۇ قىزىقارلىق ھالغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. 

بۇ ئايال قەن كېسىلى سەۋەبىدىن قارىغۇ بولۇپ قالغان بولۇپ، ئۆتكۈزگەن جىنايىتى ئۈچۈن 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

ياشانغان ئايال لۈكچەكلەر گۇرۇھىنىڭ باشقا ئەزالىرى، 29 قېتىم تەشكىللىك جىنايەت ئۆتكۈزۈش بىلەن ئەيىبلىنىپ، 2 يىللىقتىن 11 يىللىقىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

ئىسمى ئاشكارىلانمىغان ھۆددىگەر بولسا، 11 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر