فىرانسىيەدىكى ھۇجۇمنى سادىر قىلغۇچىنىڭ كىملىكى ئېنىقلاندى

فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژنىڭ لېۋاللوئىس – پېررېت رايونىدا تۈنۈگۈن چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەسكەرلەرگە ھۇجۇم قىلغان كىشىنىڭ كىملىكى ئېنىقلاندى.

787282
فىرانسىيەدىكى ھۇجۇمنى سادىر قىلغۇچىنىڭ كىملىكى ئېنىقلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەۋپسىزلىك مەنبەلىرى، ئۈچىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ جەمئىي 6 ئەسكەرنى يارىلاندۇرغاندىن كېيىن، ھۇجۇمدا ئىشلەتكەن ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ پارىژدىن دۆلەتنىڭ شىمالىغا جايلاشقان كالائىس تەرەپكە قېچىۋاتقان ئەسنادا، ھۇجۇمچى بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى، توقۇنۇشتا بىر ساقچىنىڭ يارىلانغانلىقى، بەدىنىگە بەش پاي ئوق تەگكەن ھۇجۇمچىنىڭ يارىدار ھالەتتە قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ھۇجۇمچىنىڭ 1980 – يىلى دۇنياغا كەلگەن ھاموئۇ ب. ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ پارىژنىڭ چەت ياقىسىدىكى ئۆيى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىنىڭ تەكشۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

پارىژ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش تەپتىش مەھكىمىسى، ھۇجۇمنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى، فىرانسىيە ئىچكى ئىستىخباراتى ۋە قانۇن دوختۇرخانىسى باش دىرېكتورىنىڭ تەكشۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر