فىرانسىيە جىددىي ھالەتنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا تەييارلانماقتا

فىرانسىيە باش مىنىستىرى ئېدۋارد فىلىپ، 1- نويابىردا جىددىي ھالەت تۈزۈمىگە خاتىمە بېرىشنى پىلانلاۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

787449
فىرانسىيە جىددىي ھالەتنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا تەييارلانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە باش مىنىستىرى ئېدۋارد فىلىپ، پايتەخت پارىژدا تۈنۈگۈن ئاپتوموبىلىنى ئەسكەرلەرنىڭ ئارىسىغا ھەيدەپ كىرىپ، 6 ئەسكەرنى يارىلاندۇرغان ھۇجۇمچىنى قولغا چۈشۈرگەن خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنى تەبرىكلىگەندىن كېيىن، فىرانسىيەدە ئىجرا قىلىنىۋاتقان جىددىي ھالەت تۈزۈمى توغرىسىدا بايانات بەردى.

«ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى جىددىي ھالەت تۈزۈمى ئاستىدا ياشاۋاتىمىز، (بۇ ئەھۋال) تۇنجى ھۇجۇم يۈز بەرگەن 2015 – يىلىدىن بۇيان داۋام قىلماقتا» دېگەن باش مىنىستىر ئېدۋارد، 1- نويابىردا جىددىي ھالەتكە خاتىمە بېرىشنىڭ پىلانلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، جىددىي ھالەتنىڭ پەقەت بىر ئۆتكۈنچى مۇساپە بولۇشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.

جىددىي ھالەتتىن كېيىن، فىرانسىيەنىڭ ئامانلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن خەۋپسىزلىك ۋە تېررورىزمغا قارشى كۈرەشكە ئالاقىدار قانۇن – لايىھەلىرىنى سۇنىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن باش مىنىستىر فىلىپ، قانۇن دۆلىتى دائىرىسىدە فىرانسۇزلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاشنى داۋاملاشتۇرۇشنى نىشان قىلغانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئۇ، خەۋپسىزلىك ئۈچۈن ئىزچىل تۈردە ھوشيار تۇرۇش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، «خەۋپ ئېغىر ۋە ئىزچىل» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر