زۇما 7 يىل ئىچىدىكى 8 - ئىشەنچ ئاۋازى ئۆتكىلىدىنمۇ ئۆتتى

جەنۇبىي ئافرىقا پىرېزىدېنتى جاكوب زۇما، چىرىكلىك قىلمىشلىرىنى سادىر قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەندىن كېيىنكى «قايتىلانغان ئىشەنچ ئاۋازىغا قويۇش پائالىيىتى» نەتىجىسىدە مەنسىپىنى ساقلاپ قېلىشقا مۇۋەپپەق بولدى.

786673
زۇما 7 يىل ئىچىدىكى 8 - ئىشەنچ ئاۋازى ئۆتكىلىدىنمۇ ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت جاكۇب زۇما، 7 يىللىق ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدىكى 8 – قېتىملىق ئىشەنچ ئاۋازىنى يېڭىلاش ئۆتكىلىدىنمۇ ئۇتۇقلۇق ئۆتۈپ كەتتى؛ ئۇ، پارلامېنتتا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە 177 گە قارشى 198 بېلەت بىلەن ئىشەنچ ئاۋازىغا ئېرىشىپ، ئازراق بولسىمۇ پەرق بىلەن مەنسىپىنى ساقلاپ قالالىدى.

زۇما نەتىجە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن قوللىغۇچىلارغا رەھمەت ئېيتتى.

ئىگىلىنىشىچە، جاكۇب زۇمانىڭ 2019 – يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئومۇمىي سايلاملاردا قايتىدىن نامزات بولۇشى كۈتۈلمەيدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر