ۋاشىنگتون بىلەن پىيوڭياڭ بىر-بىرىگە تەھدىت سېلىشنى توختاتمىدى

شىمالىي كورېيە ئامېرىكانىڭ تىنچ ئوكياندىكى گۇام ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن ئوققا تۇتالايدىغانلىقىنى جار سالدى.

786403
ۋاشىنگتون بىلەن پىيوڭياڭ بىر-بىرىگە تەھدىت سېلىشنى توختاتمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا پەرۋا قىلماستىن يادرو تەھدىتىنى داۋاملاشتۇرغان شىمالىي كورېيە، «گۇامدىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسى ئەتراپىدا بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ئارقىلىق قورشاۋغا ئېلىپ ئوققا تۇتالايدىغانلىقىنى» ئېلان قىلدى.

پىرېزىدېنت دونالد ترامپ نىيۇ جرسىي ئىشتاتىدا مۇخبىرلارغا بايانات بەردى. ئۇ شىمالىي كورېيەنى تەھدىت سېلىشتىن ۋاز كېچىشكە چاقىردى ۋە بۇ چاقىرىققا قۇلاق سالمىغان تەقدىردە پىيوڭياڭنىڭ ئامېرىكانىڭ قاتتىق غەزىپىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ: «شىمالىي كورېيە ئۆزىگە ياخشى بولسۇن دېسە ئامېرىكاغا قارشى تەھدىت سالماسلىقى لازىم. ئۇنداق بولمىغاندا، دۇنيادا كۆرۈلۈپ باقمىغان قاتتىق غەزەپكە دۇچ كېلىدۇ» دېدى.

پىيوڭياڭ ھۆكۈمىتى بۇ تەھدىتكە، «ھەرىكەتكە ئۆتۈش تەييارلىقىدا» ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى باياناتى بىلەن جاۋاب قايتۇردى.

شىمالىي كورېيە ئارمىيەسىنڭ باياناتچىسى «KCNA» ئاگېنتلىقىغا بايانات بەرگەندە، «گۇامدىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسى ئەتراپىدا <12-خاۋسىڭ> بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن قورشاپ ئوققا تۇتۇش پىلانى ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىشىۋاتقانلىقلىرىنى» بىلدۈردى.

تىنچ ئوكيانغا جايلاشقان ۋە شىمالىي كورېيەگە 3 مىڭ 400 كىلومېتىر كېلىدىغان گۇام بازىسىدا ئامېرىكانىڭ ئاندېرسون ھاۋا ئارمىيە بازىسى جايلاشقان. مەزكۇر بازا «B-1» بومباردىمانچى ئايروپىلانلار جەنۇبىي كورېيە ھاۋا تەۋەلىكىدە مەشغۇلاتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن يېقىلغۇ قاچىلىيالايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر