قاتار 80 دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىدىن ۋىزا ئالمايدىغان بولدى

قاتارنىڭ 80 دۆلەتكە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش قارارىغا قارىتا، «ساياھەت ساھەسىدە تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى» دەپ باھا بېرىلمەكتە.

786780
قاتار 80 دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىدىن ۋىزا ئالمايدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: قاتار 80 دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىغا قارىتا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىشنى يولغا قويىدىغان بولدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قاتار ساياھەت ئىدارىسى، قاتار ھاۋا يوللىرى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەسئۇللىرى پايتەخت دوھادا ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىردى.

قاتار ساياھەت ئىدارىسى ساياھەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئورگىنىنىڭ باشلىقى ھەسەن ئەل ئىبراھىمى يىغىندا، قاتار ھۆكۈمىتىنىڭ 80 دۆلەتكە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىشنى يولغا قويۇپ، ساياھەت ساھەسىدە تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

ھەسەن ئەل ئىبراھىمى ۋىزا كەچۈرۈم قىلىنغان دۆلەتلەرنىڭ مۇئەييەن شەرتلەر ئاستىدا تاللانغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، تەكشۈرۈشلەرنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ۋە بۇ تىزىملىككە قەدەممۇ قەدەم يېڭى دۆلەتلەرنىڭ قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

ھامىد خەلقئارا ئايرودۇرۇمى پاسپورت تەكشۈرۈش ئىشلىرى مۇدىرى پولكوۋنىك راشىد ئەل مېزۇرى بولسا، ۋىزا كەچۈرۈم قىلىنغان دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ قاتارغا كىرىش ئەسناسىدا ھېچقانداق ھەق تۆلىمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

راشىد ئەل مېزۇرى بۇ دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىساد جەھەتتىن تەكشۈرۈلگەندىن باشقا يەنە، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ھامىد خەلقئارا ئايرودۇرۇمى ئىشقا كىرىشتۈرۈلەەندىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن تەجرىبلىرىگە بىنائەن تاللانغانلىقىنى تەكىتلىدى.


خەتكۈچ: #قاتار , #ۋىزا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر