بوكو ھارام ئونلارچە بېلىقچىنى قەتل قىلدى

بوكو ھارام تېررورلۇق تەشكىلاتى، شەنبە كۈنى نىگېرىيەنىڭ چاد كۆلى بويىدىكى ئاراللارنى بېسىۋېلىپ، ئۇ يەردىكى 30 بېلىقچىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.

786688
بوكو ھارام ئونلارچە بېلىقچىنى قەتل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بوكو ھارام، ئىيۇن ئېيىدىن بۇيان 113 ئەتراپىدا ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، يېقىنقى مەزگىللەردىكى ھۇجۇملىرىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرغانلىقىنى كۆرسەتتى.

بورنو ئۆلكىسى ئەمەلدارى كاشىم شېتتىما مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، بۇ قېتىمقى ھۇجۇمدا رايوننىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدا 30 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ قەتل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

2015 – يىلى چاد كۆلىدىن بېلىق تۇتۇش مەنئى قىلىنغان بولسىمۇ، باشقا تىرىكچىلىك مەنبەسى بولمىغان يوقسۇل خەلق، يېقىندىن بۇيان قايتىدىن بېلىق تۇتۇشقا يۈزلەنگەنىدى.

ئوتتۇرىغا چىققان يېقىنقى 8 يىلدىن بۇيان 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆلتۈرگەن بوكو ھارام، 2 مىليون 700 مىڭ ئادەمنىڭ يۇرت – ماكانىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر