شاھزادە سەلمان ھاياتىدىن ئايرىلدى

سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىق سارىيى، شاھزادە سەلمان بىن ئابدۇللاھ بىن تۈركى ئال سۇئۇدنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

785963
شاھزادە سەلمان ھاياتىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىق سارىيى، 26 ياشلىق شاھزادە سەلمان بىن ئابدۇللاھ بىن تۈركى ئال سۇئۇدنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – سپا، شاھزادە سەلمان بىن ئابدۇللاھ بىن ئال سۇئۇد ھاياتىدىن  ئايرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

پادىشاھلىق سارىيى، شاھزادىنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىدى، ئەمما، ئەرەمنيۇز خەۋەر ئاگېنتلىقى، شاھزادىنىڭ يېقىنلىرىنى مەنبە قىلىپ بەرگەن خەۋىرىدە، شاھزادە سەلماننىڭ يۈرەك سانجىقى قوزغىلىپ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر