ھۇسىيلار مەئرىبكە باللىستىك بومبا ئاتتى
ھۇسىيلارنىڭ يەمەننىڭ مەئرىب ۋىلايىتىگە ئاتقان باللىستىك بومبىلىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى تەرىپىدىن پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقنىڭ قوراللىق كۈچلەر مەتبۇئات مەركىزى بايانات بېرىپ، يەمەن ئارمىيەسىنىڭ قوماندانلىق مەركىزى بولغان مەئرىب ۋىلايىتىگە ھۇسىيلار تەرىپىدىن ئېتىلغان باللىستىك بومبىلارنىڭ، ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى تەرىپىدىن پاچاقلاپ تاشلانغانلىقىنى، ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
يەمەننىڭ قانۇنلۇق ھۆكۈمىتىگە قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن ھۇسىيلار، 2014 – يىلى سېنتەبىردىن بۇيان پايتەخت سانئا قاتارلىق بەزى رايونلارنى قولىدا تۇتۇپ تۇرماقتا.
سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەر، 2015 – يىلى مارت ئېيىدىن باشلاپ ھۇسىيلارغا قارشى قانۇنلۇق ھۆكۈمەتكە ياردەم قىلماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
نىگېرىيەدە بىر جامەدە پارتلاش يۈز بېرىپ 11 ئادەم قازا قىلدى
نىگېرىيەنىڭ كانو ئۆلكىسىدىكى بىر جامەدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 11 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.