تېھراندا بىر ئەسكەر سەپداشلىرىنى ئوققا تۇتتى

ئىران ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ تېھراندىكى بىر مەشىق مەيدانىدا بىر ئەسكەر سەپداشلىرىنى ئوققا تۇتتى.

784806
تېھراندا بىر ئەسكەر سەپداشلىرىنى ئوققا تۇتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ تېھراندىكى بىر مەشىق مەيدانىدا بىر ئەسكەر سەپداشلىرىنى ئوققا تۇتۇپ، بىرى مىڭبېشى بولۇپ جەمئىي 4 ئەسكەرنى ئۆلتۈردى، 8 ئەسكەرنى يارىلاندۇردى.

ئىران ئارمىيەسىنىڭ ئىنتېرنېت سەھىپىسى AJA نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كەھرىزاك مەشىق مەيدانىدا بىر ئەسكەر سەپداشلىرىنى ئوققا تۇتۇپ، 4 ئەسكەرنى ئۆلتۈرگەن، 8 ئەسكەرنى يارىلاندۇرغان.

مەزكۇر ئەسكەرنىڭ ئەقلىي مۇۋازىنىتىنى يوقىتىپ قويغان بولۇش ياكى قورالىنىڭ كونترولدىن چىققان بولۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى قەيت قىلىنماقتا.

يەنە بىر تەرەپتىن، مەھر خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن كەھرىزاك ناھىيەلىك مەجلىسى باشلىقى مۇھەممەد ھاشىمى، ۋەقەنىڭ سىستان – بېلۇجىستانلىق بىر ئەسكەرنىڭ قوراللىق ھۇجۇمى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەنلىكىنى، ئۆلگەنلەرنىڭ بىرىنىڭ مىڭبېشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۆتكەن ئايدىمۇ ئىراننىڭ قەزۋىن ئۆلكىسىدىكى ئابىك ھەربىي بازىسىدا بىر ئەسكەر سەپداشلىرىنى ئوققا تۇتۇپ، 3 ئەسكەرنى ئۆلتۈرگەن، 5 ئەسكەرنى يارىلاندۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر