ياپونىيە: پارس قولتۇقى كىرىزىسى دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىنىشى لازىم

ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزو ئابىنىڭ ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى كېنتارو سونوئۇرا، قاتار بىلەن بەزى ئەرەب دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى كىرىزىسنى دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىشقا چاقىردى.

784575
ياپونىيە: پارس قولتۇقى كىرىزىسى دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىنىشى لازىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – قنا، قاتاردا زىيارەتتە بولغان ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزو ئابىنىڭ ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى سونوئۇرانىڭ پايتەخت دوھادا قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيخ مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان بىن جاسىم ئال سانى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى؛ ئۇچرىشىشتا، ئال سانىنىڭ سونوئۇراغا دۆلىتى بىلەن بەزى ئەرەب ئەللىرى ئارىسىدىكى كىرىزىس ۋە مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ قاتارغا يۈرگۈزگەن ئېمبارگولىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ياپون مەسلىھەتچى سونوئۇرا، ئوتتۇرا شەرقتە تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، پارس قولتۇقى ئەللىرى ھەمكارلىق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرلىكىنى ساقلاپ قېلىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن ھالدا، دۆلىتىنىڭ كۇۋەيتنىڭ مۇرەسسەلەشتۈرگۈچىلىكىنى قوللايدىغانلىقىغا، كىرىزىسنىڭ دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىنىشىنىڭ مۇھىملىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.

پارس قولتۇقى كىرىزىسى، 5 – ئىيۇندا سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەين ۋە مىسىر دائىرىلىرىنىڭ قاتار بىلەن پۈتكۈل دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىشى بىلەن باشلىغانىدى.

قاتارنى مۇھاسىرىگە ئالغان مەزكۇر 4 دۆلەت، مۇناسىۋەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، دوھا دائىرىلىرىگە 13 ماددىلىق تەلەپلەر تىزىملىكىنى سۇنغان، قاتار بولسا، خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ھېچقانداق بىر تەلەپنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر