ئابخازىيەدە پارتلاش يۈز بەردى

ئابخازىيەنىڭ گۇداتىسكى رايونىغا جايلاشقان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا ئائىت بىر ئوق - دورا ئىسكىلاتىدا مەيدانغا كەلگەن قاتتىق پارتلاشتا رايوندا ساياھەتتە بولۇۋاتقان 2 رۇس ساياھەتچى قازا قىلدى.

783229
ئابخازىيەدە پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەھىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى رۇستەم زانتاريانىڭ بىلدۈرۈشىچە، پارتلاشتا بەزىلىرى ئېغىر بولۇپ، جەمئىي 60 كىشى يارىلانغان. يارىلانغانلارنىڭ كۆپىنچىسى رايونغا ساياھەت ئۈچۈن بارغان ساياھەتچىلەر بولۇپ، ئۇلار پارتلاش جەريانىدا ئەتراپقا چاچرىغان بومبا پارچىلىرى، ئەينەكلەر ۋە تاشلار سەۋەبىدىن يارىلانغان.

ئىگىلىنىشىچە، پارتلاشنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر