ۋىېيتناملىق جاسۇسلارنىڭ گېرمانىيەدىن بىر ئادەمنى خۇپيانە تۇتۇپ دۆلىتىگە ئېلىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى

گېرمانىيەدىن پاناھلىق تىلىگەن بىر ۋىيېتنام پۇقراسى، ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرى تەرىپىدىن خۇپىيانە ھالدا تۇتۇپ كېتىلدى.

783074
ۋىېيتناملىق جاسۇسلارنىڭ گېرمانىيەدىن بىر ئادەمنى خۇپيانە تۇتۇپ دۆلىتىگە ئېلىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى شافېر، دۆلىتىدىن پاناھلىق تىلىگەن بىر ۋىيېتنام پۇقراسىنىڭ مەزكۇر دۆلەتنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى خادىملىرى تەرىپىدىن بېرلىندا ئېلىپ قېچىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى ۋە بۇ ئەھۋالنى ھەم گېرمانىيە قانۇنلىرىغا ھەمدە خەلقئارا قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش ھېسابلىنىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ كېرەكلىك قانۇنىي قەدەملەرنى تاشلاشنى باشلىغانلىقىنى ۋە بۇ ۋەقەنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتكەن شافېر، بۇ سەۋەبتىن بېرلىندىكى ۋىيېتنام باش ئەلچىسىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلغانلىقىنى ۋە مەجبۇرىي يوسۇندا ۋىيېتنامغا ئېلىپ كېتىلگەن كىشىنىڭ گېرمانىيەگە قايتۇرۇپ بېرىلىشىنىڭ تەلەپ قىلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.

گېرمانىيە مەتبۇئاتى، تۇتۇپ كېتىلگەن مەزكۇر كىشىنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ سابىق ئەمەلدارى ئىكەنلىكىنى يازدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ترىنخ شۇان ئىسىملىك مەزكۇر سودا – سانائەتچى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەمەلدارى بولغان. ئۆتكەن يىلى پارلامېنت ئەزالىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان ۋە پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلغان.

ۋىيېتنام دائىرىلىرى ئۇنى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ مىليونلارچە دوللىرىنى قاقتى – سوقتى قىلىش بىلەن ئەيىبلىمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر