پورتۇگالىيەدە ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى
پورتۇگالىيەدە كىچىك بىر ئايروپىلان جىددىي قونۇۋاتقان ساھىلدا چۈشۈپ كېتىپ 2 كىشى قازا قىلدى.
782878
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كىچىك بىر ئايروپىلان پايتەخت لىسبون ئەتراپىدىكى كاپارىكا رايونىغا جايلاشقان بىر ساھىلغا جىددىي قونۇۋاتقاندا ساھىلدىكى بىر بالا بىلەن قوشۇلۇپ، 2 كىشى قازا قىلغان، ئايروپىلاندىكى ئەھۋالى ياخشى 2 كىشى ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.