سەئۇدى ئەرەبىستاندا گىراناتاميوتلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ قەتىيف شەھىرى ئەلمەسۇرە مەھەللىسىدە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە گىراناتاميوتلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى.

780621
سەئۇدى ئەرەبىستاندا گىراناتاميوتلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ قەتىيف شەھىرى ئەلمەسۇرە مەھەللىسىدە چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر ھەربىي ئاپتوموبىل گىراناتاميوت ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 1 ئەسكەر ئۆلدى، 6 ئەسكەر يارىلاندى.

سەئۇدى ئەرەبىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئالاقىدار تەكشۈرۈشلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

بۇ، قەتىيفتە يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە مەيدانغا كەلگەن ئالتىنچى ھۇجۇم ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر