ھىندىستاندا چاقماق چېقىپ 11 ئادەم ئۆلدى

ھىندىستاننىڭ شەرقىگە جايلاشقان ئورىسسا ئۆلكىسىدە چاقماق چېقىش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، 11 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

780752
ھىندىستاندا چاقماق چېقىپ 11 ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئورىسسا ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەلدارى راجېندرا پاندا، بۇ قېتىمقى چاقماق چېقىش ۋەقەسىدە 11 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، 8 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ شاللىقتا ئىشلەۋاتقان دېھقانلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، راجېندرا پاندا، يەنە بىر كىشىنىڭ يامغۇردىن قېچىپ ئاستىغا كىرىۋالغان دەرەخكە چاقماق چۈشۈپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ھىندىستاندا ئىيۇن ئېيىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان مەۋسۇم يامغۇرلىرىدا يۈزلەرچە كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

گۇجارات، راجاستان، ئاسسام، ئۇتتار پرادېش ۋە باشقا بىر قاتار ئۆلكىلەردە يەنە ئون مىڭلارچە كىشى بىخەتەر جايلارغا تارقاقلاشتۇرۇلدى.

ھىندىستاندا ھەر يىلى ئىيۇن بىلەن سېنتەبىر ئايلىرى ئارىسىدا كۈچىيىپ كېتىدىغان مەۋسۇم يامغۇرلىرى ئەسناسىدا چاقماق چېقىپ، نۇرغۇن ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر