رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگو قارارلىرىغا دەرھال جاۋاب قايتۇردى

رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگو قارارلىرىغا قارشى بىر قىسىم تەدبىرلەرنى ئالدى.

779387
رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگو قارارلىرىغا دەرھال جاۋاب قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتلىرى بىلەن دىپلوماتلىك ئورۇنلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىگە چەكلىمە قويدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەگە يېڭى ئېمبارگولارنى قويۇشنى قارار قىلىشىغا قارىتا دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتتى.

مىنىستىرلىق موسكۋادىكى دىپلوماتىك ۋەكالەتخانىلارنىڭ ئامېرىكا ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن ئىشلىتىلىشىگە رۇخسەت قىلمىدى ۋە ئامېرىكىدىن رۇسىيەدىكى دىپلوماتىك سانىنى 455گە تۆۋەنلىتىشنى تەلەپ قىلدى.

بۇنىڭدىن سىرت، رۇسىيە تاشقى مىنىستىرلىقى موسكۋانىڭ دوروجنايا كوچىسىدىكى بارلىق ئىسكىلات ۋە سېربريانىي بوردىكى يازلىق داچىنى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ1-ئاۋغۇستتىن باشلاپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مىنىستىرلىق بەزى قائىدە-پىرىنسپىلار دائىرىسىدە ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە زىيان بېرىدىغان باشقا تەدبىرلەرنىڭ ھازىرچە ئېلىنمايدىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر