«ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگولىرىغا تېگىشلىك جاۋاپ قايتۇرىمىز»

رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان ئېمبارگولىرىغا تېگىشلىك جاۋاپ قايتۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

777963
«ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگولىرىغا تېگىشلىك جاۋاپ قايتۇرىمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي رىيابكوۋ ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان ئېمبارگولىرىغا تېگىشلىك جاۋاپ قايتۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رۇسىيەگە يەنە ئېمبارگو قويۇشنى قارار قىلىشىدىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن رىيابكوۋ، رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگولىرىغا تېگىشلىك جاۋاپ قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «بۇرۇنمۇ ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگولىرىغا تېگىشلىك جاۋاپ قايتۇرىدىغانلىقىمىزنى دېگەنىدۇق،  ئۇلار پەرۋا قىلمىدى، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىنمۇ بىزنىڭ بۇ باياناتلىرىمىزغا ئىنكاس قايتۇرىدىغان بىرسىنىڭ چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»

رىيابكوۋ ئېمبارگو قارارىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىدىكى دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن قەستەن چىقىرىلغان قارار ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مەزكۇر قارارغا «ئامېرىكا- رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورماللىشىشىغا توسالغۇ بولۇش ئۈچۈن تاشلانغان قەدەم»دەپ باھا بەردى ۋە مۇنداق دېدى: «ۋاشىنگىتون خەتەرنىڭ مەنبەسىدۇر، بىز ئامېرىكىنى مۇشۇنداق چۈشىنىمىز، شۇنداقلا دۇنيامۇ ئامېرىكىنى  مۇشۇنداق چۈشىنىشى كېرەك.»

رۇسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىيابكوۋ ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگولىرىغا قارىماي، ئامېرىكا بىلەن كۈچلۈك مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا كۈچەيدىغانلىقلىرىنى ۋە ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا ھەر دائىم تەييار ئىكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتتى.

دۇما خەلقئارا ئالاقە كومىتېتى باشلىقى لىيونىد سىلۇتسكىيمۇ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى ئەمەلىيەتتە رۇسىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورماللىشىشىغا زور تەسىر يەتكۈزۈپ ۋەزىيەتنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر