ئەسەد قىسىملىرى شەرقىي غۇتە رايونىغا ئۈزلۈكسىز ھۇجۇم قىلماقتا

ئەسەد قىسىملىرى بىر يېرىم ئايدىن بۇيان قاتتىق ھۇجۇم ئاستىدا تۇتۇپ كېلىۋاتقان شەرقىي غۇتە رايونىدىكى قورشاۋىنى تېخىمۇ تارايتشنى نىشان قىلماقتا.

777122
ئەسەد قىسىملىرى شەرقىي غۇتە رايونىغا ئۈزلۈكسىز ھۇجۇم قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە ئەسەد قىسىملىرىنىڭ «توقۇنۇشتىن خالىي رايون» دائىرىسىگە كىرىدىغان ۋە ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنغان شەرقىي غۇتە رايونىغا قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرى داۋاملاشماقتا.

شەرقىي غەتەدىكى پۇقرالارنى مۇداپىئە قىلىش ئەترىتى مەركىزىدىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئەسەد قىىسملىرىغا تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ تۈنۈگۈن كەچتە ئاربىن رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 3 كىچىك بالا بىلەن قوشۇلۇپ، 8 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان. ئەسەد قىىسملىرى يەنە ئەتىگەن سائەت 08:19 ئۆتكەندىمۇ زەمەلقا رايونىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغان.

پايتەخت دەمەشىقنىڭ شەرقىدىكى جوبار مەھەللىسى بىلەن ئەينى تېرما ۋە زەمەلقا رايونلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقىي غۇتە رايونى 5 يىلدىن بۇيان ئەسەد قىسىملىرىنىڭ قورشاۋى ئاستىدا تۇرماقتا.

ئەسەد قىسىملىرى شەرقىي غۇتەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىكى يېرىم ئارال شەكىللىك جوبارنى، غەربىي جەنۇپ قىسمىدا بولسا، ئەيىن تېرما ۋە زەمەلقا رايونىنى ئايرىپ چىقىپ، ئايرىم قورشاۋغا ئېلىشنى نىشان قىلماقتا. شۇنداق بولغاندا ئەسەد قىسىملىرى بىر يېرىم ئايدىن بۇيان قاتتىق ھۇجۇم ئاستىدا تۇتۇپ كېلىۋاتقان شەرقىي غۇتە رايونىدىكى قورشاۋىنى تېخىمۇ تارايتقان بولىدۇ.

رۇسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى «RIA Novosti» ئالدىنقى ھەپتە رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنى مەنبە قىلغان خەۋىرىدە، مىسىرنىڭ مۇرەسسە قىلىشى بىلەن قاھىرەدە سۇرىيەنىڭ مۆتىدىل قوزغىلاڭچى گۇرۇپپىلىرى بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم ئىمزالانغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بەششار ئەسەد قىسىملىرىنىڭ شەرقىي غۇتەدىكى ھۇجۇملىرىنى توختاتقانلىقى قەيت قىلىنغان ئىدى. 

تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران 3- مايدىن 4 – مايغىچە قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادىكى يىغىندا ئورتاق بەلگىلەپ چىققان 4 توقۇنۇشتىن خالىي رايوننىڭ ئىچىدە شەرقىي غۇتە رايونىمۇ ئورۇن ئالغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر