كابۇلدىكى پارتلاشتا 35 ئادەم ئۆلدى، 400 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلنىڭ غەربىدىكى كۆپ سانلىق ئاھالىسى شىئەلەردىن تەشكىل تاپقان بىر مەھەللىدە ناھايىتى شىددەتلىك بىر ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى.

776453
كابۇلدىكى پارتلاشتا 35 ئادەم ئۆلدى، 400 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدا يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 35 كە يەتتى، 400 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى.

ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى، ھۇجۇمچىنىڭ ئاپتوموبىل بومبىنى كابۇلنىڭ غەربىدىكى كۆپ سانلىق ئاھالىسى شىئەلەردىن تەشكىل تاپقان بىر مەھەللىدە، مەدەن ئىشلىرى مىنىستىرلىقى خادىملىرى ئولتۇرغان بىر ئاپتوبۇسنىڭ يېنىدا پارتلاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

يارىلانغانلارنىڭ ئارىسىدا كۆپ ساندا كىچىك بالىدىن باشقا، پارتلاش يۈز بەرگەن جايغا يېقىن يەردە ئۆيى بولغان ئافغانىستان ئىجرائىيە ئورگىنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھاجى مۇھەممەد مۇھەققىقىنىڭ مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغان تالىباننىڭ ئەسلىدىكى نىشانىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى خادىملىرى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ھۇجۇمدا ئەتراپتىكى بىنالارنىڭ ئەينەكلىرى چېقىلىپ كەتتى، 3 ئاپتوموبىل پۈتۈنلەي كاردىن چىقتى.

ئىگىلىنىشىچە، ئافغانىستاننىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى كۆپلىگەن سىياسىي رەھبەرلىرى پايتەخت كابۇلنىڭ غەربىي قىسمىدا ياشايدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر