«تېررورىزىمنىڭ مەنبەسى ۋاھابىلىقنى قوبۇل قىلغان سەئۇدى ئەرەبىستاندۇر»

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋاد زارىف تېررورىزىمنىڭ مەنبەسىنىڭ ۋاھابىلىقنى قوبۇل قىلغان سەئۇدى ئەرەبىستان ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

775005
«تېررورىزىمنىڭ مەنبەسى ۋاھابىلىقنى قوبۇل قىلغان سەئۇدى ئەرەبىستاندۇر»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىف «1998-يىلدىن بۇيان دۇنيادا يۈز بەرگەن تېررولۇق ۋەقەلىرىنىڭ %94نىڭ جاۋابكارىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان»ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

زارىف ئامېرىكىدىكى PBS تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ۋاھابىلىق ھەرىكىتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رەسمىي ئىدىئولوگىيەسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

«سەئۇدى ئەرەبىستان ھاكىمىيىتى نېفىت-دوللار بىلەن دۇنيادا ئاشقۇنلۇقنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەب بولدى»دېدى.

جەۋاد زارىف ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى قوشماق بىنالار ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان 2001-يىلى 11-سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭمۇ ۋاھابىلىق سەۋەب بولغان ئاشقۇنلۇقنىڭ تەرەپدارلىرىنىڭ قىلمىشى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيادا تېررورىزىمنىڭ كەڭ تارقىلىشىغا بۇ ئىدىئولوگىيەنى قوبۇل  قىلغان كىشىلەرنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

زارىف دائېش ۋە باشقا ئاشقۇن چۈشەنچىلەرنى قوبۇل قىلغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ بىگۇناھ كىشىلەرنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا قوشما  ئىشتاتلىرىغا نسىبەتەن قايسى دۆلەتنىڭ تېررورىزىمنى قوللىشىنىڭ مۇھىم ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن زارىف، ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم بولغان ئىشنىڭ ئۆزگىلەرگە قورال سېتىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋاد زارىف ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا مايدا زىيارەتتە بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ترامپ قورال سېتىش كېلىشىمى  تەييارلانماي تۇرۇپ سەئۇدى ئەرەبىستانغا بارمايتتى.»

ترامپ سەئۇدى ئەرەبىستان زىيارىتىدە سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى بىلەن 110 مىليارد دوللار قورال سېتىش كېلىشىمى ئىمزالىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر