ئەسەدكە قارشى 2 تەشكىلاتنىڭ ئۆزئارا توقۇنۇشىدا 11 كىشى ئۆلدى

توقۇنۇشلار ھاتاينىڭ رەيھانلى ناھىيەسىدىكى جىلۋەگۆزى چېگرا ئېغىزىغا يىقىن  «ئەھرارۇششام» تەشكىلاتىنىڭ كونتروللۇقىدىكى بابۇل ھاۋا رايونىغىچە كېڭەيدى.

774377
ئەسەدكە قارشى 2 تەشكىلاتنىڭ ئۆزئارا توقۇنۇشىدا 11 كىشى ئۆلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە 3 پۇقرا بىلەن قۇشۇلۇپ 11 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان بۇ قېتىمقى توقۇنۇش تۈركىيە چېگراسىغىچە كېڭەيدى.

ئەسەد ھۆكۈمىتىگە قارشى ئىككى قوزغىلاڭچى گۇرۇپپا ئوتتۇرىسدىكى توقۇنۇشلار تۈركىيە چېگراسىدىنمۇ كۆرگىلى بولىدىغان ھالغا كەلدى.

ئوق ئاۋازلىرى تۈركىيەنىڭ جىلۋەگۆزى چېگرا ئېغىزىنىڭ ئۇدۇلۇدىكى بابۇل ھاۋا چېگرا ئېغىزىدىن ئاڭلانماقتا.

ئىدلىبتە باشلانغان توقۇنۇشلار جەريانىدا «ئەھرارۇششام» بىلەن «ھەييەتۇ تەھرىرىرۇششام» تەشكىلاتلىرى بەزى رايونلارنىڭ كونتىروللۇقىنى قولغا چۈشۈردى.

توقۇنۇشلار ھاتاينىڭ رەيھانلى ناھىيەسىدىكى جىلۋەگۆزى چېگرا ئېغىزىغا يىقىن  «ئەھرارۇششام» تەشكىلاتىنىڭ كونتروللۇقىدىكى بابۇل ھاۋا رايونىغىچە كېڭەيدى.

توقۇنۇشلارنىڭ مۇساپىسى تۈركىيە چېگراسىغا 12 كېلومېتىر قالغان جايغىچە يېتىپ كەلدى. توقۇنۇشتا 3 پۇقرا بىلەن قوشۇلۇپ، جەمئىي 11 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ئىككى تەشكىلات مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدىمۇ ئۆزئارا توقۇنۇشقان بولۇپ، كېيىن ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلغان ئىدى.

«ھەييەتۇ تەھرىرىرۇششام» ئەلقائىدەگە چېتىشلىقى بار تەشكىلات دەپ بىلىنىدۇ. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر