ئامېرىكا ئىرانغا قاراتقان ئېبارگولارنى تېخىم كۈچەيتىشنى قارار قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خەزىنە بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى ئىرانغا قاراتقان ئېبارگولارنى تېخىم كۈچەيتىشنى قارار قىلدى.

773355
ئامېرىكا ئىرانغا قاراتقان ئېبارگولارنى تېخىم كۈچەيتىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خەزىنە  بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى ئىراننى خەلقئارا جىناىي قىلمىشلارنى ۋە بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىروگراممىلارنى قوللاش بىلەن ئەىبلەپ، ئىرانلىق 7 كىشى بىلەن 11 ئورگانغا ئېمبارگو قويۇشنى قارار قىلدى.

جەمئىي 18 كىشى ۋە ئورگانغا ئېمبارگو قويۇش قارارلىرىنىڭ ئاقساراينىڭ ئىراننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى دائىمىي بەش ئەزاسى ۋە گېرمانىيە بىلەن 2015-يىلى ھاسىل قىلغان يادرو كېلىشىمىنىڭ شەرتلىرىگە مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشىدىن كېيىن ئېلان قىلىنىشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.

ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرى سىتېۋېن مىنۇچىن بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ھاكىمىيىتى ئىراننىڭ تېررورىزىمنى قوللاش، بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىروگراممىسى ۋە ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندىچىلىك قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ كەينىگە چۈشۈپ ئاداققىچە سۈرۈشتە قىلىدۇ.»

ئېمبارگو قويۇلىدىغان شەخس ۋە ئورگانلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسىنى قوللىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن شەخس ۋە ئورگانلارنىڭ ئامېرىكىدىكى مال-مۈلۈكلىرى توڭلىتىپ قويۇلىدۇ ۋە ئامېرىكىلىقلارنىڭ بۇ شەخس ۋە ئورگانلار بىلەن سودا قىلىشىمۇ چەكلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر