ئالىملار %70 جانلىق تۈرىنىڭ يوق بولۇپ كېتىش گىردابىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە

ئالىملارمۇشۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە %70 جانلىق تۈرىنىڭ يوق بولۇپ كېتىش گىردابىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

773779
ئالىملار %70 جانلىق تۈرىنىڭ يوق بولۇپ كېتىش گىردابىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا كوللىكېتىپ يوق بولۇپ كېتىش خەۋىپىگە دۇچ كەلمەكتە.

ئالىملار بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىدا جانلىق تۈرلىرىنىڭ يوق بولۇپ كېتىشىدىكى ئەڭ چوڭ ئامىلنىڭ ئىنسان ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

مەلۇم بىر ئىلمىي ژۇرنالدا بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان  ماقالىدە سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلاردىن قۇشلارغىچە بولۇپ جەمئىي 27600 مىڭ ئومۇرتلۇق ھايۋان ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغانلىقى يېزىلدى.

ماقالىدە تەتقىق قىلىنغان ھايۋان تۈرلىرىنىڭ %30نىڭ سانىنىڭ ئىزچىل ئازىيىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مۇتەخەسسىلەر «ھايۋان تۈرلىرى تېز سۈرئەتتە يوق بولماقتا، ئالدىمىزدىكى 100 ياكى 150 يىل ئىچىدە تۈرلەرنىڭ كۆپ قىسمىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەتىرىگە دۇچ كېلىمىز»دەپ  كۆرسەتمەكتە.

بۇ تەتقىقاتقا ئاساسلانغانداھايۋان تۈرلىرىنىڭ يوق بولۇشىدىكى ئەڭ چوڭ ئامىل ئىنسان ئىكەن.

ئالىملار «بارلىق جانلىقلار ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى مۇۋازىنەتنىڭ بىر قىسمىدۇر، ئىنسانلار بولسا ھاياتلىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان مېخانىزىمىنى يوق قىلماقتا»دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

ئىنسان نوپۇسىنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىشى ۋە ھەددىدىن زىيادە ئىستېمال قاتارلىقلار نۇرغۇن جانلىق تۈرى ۋە بۇنىڭغا باغلىق ھالدا ئىنسانىيەتنىڭ يوق بولۇپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

ئالىملار بۇنىڭ ئالدى ئېلىنمىغان تەقدىردە مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە جانلىق تۈرلىرىنىڭ %70نىڭ يوق بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر