مەسجىدى ئەقسا دەرۋازىسى ئالدىدا جامائەتكە قاتتىق مۇداخىلە قىلىنماقتا

پەلەستىن خەلقى مەسجىدى ئەقسانىڭ دەرۋازىلىرىغا ئېلىكتورۇنلۇق ئاختۇرۇش ئۈسكىنىسى قۇرۇلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ بەش ۋاقىت نامازلىرىنى مەسجىد ئەقسا دەرۋازىلىرى ئالدىدا ئوقۇماقتا.

773339
مەسجىدى ئەقسا دەرۋازىسى ئالدىدا جامائەتكە قاتتىق مۇداخىلە قىلىنماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ مەسجىدى ئەقسانىڭ ئاسلانلى دەرۋازىسى ئالدىدا خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇۋاتقان جامائەتكە نامازدىن كېيىن قىلغان قاتتىق مۇداخىلىسى جەريانىدا مەسجىدى ئەقسانىڭ خەتىبى شەيىخ ئىكرىمە سابرىمۇ يارىدار بولدى.

پەلەستىن خەلقى مەسجىدى ئەقسانىڭ دەرۋازىلىرىغا ئېلىكتورۇنلۇق ئاختۇرۇش ئۈسكىنىسى قۇرۇلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاسلانلى دەرۋازى ئالدىدا ناماز ئوقۇغان ئىدى. ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى قاتتىق مۇداخىلە قىلدى. 

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى جامائەتنى تارقىتىۋىتىش ئۈچۈن تەڭپۇڭسىز كۈچ ئىشلەتتى. بۇ جەرياندا مەسجىدى ئەقسانىڭ خەتىبى شەيىخ سابرى پىلاستىك ئوق تېگىپ يارىدار بولدى.

شەيىخ سابرى شەرقىي قۇددۇستىكى ئەل ماقاسىد دوختۇرخانىسىدا بالنېستقا ئېلىندى. ھازىرغا قەدەر شەيىخ سابرىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىدى.

پەلەستىن قىزىل ئاي جەمئىيىتى ئاسلانلى دەرۋازى ئالدىدا يۈز بەرگەن ۋەقە جەريانىدا نۇرغۇن كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى، يارىدارلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بەش ۋاقىت نامازلىرىنى مەسجىد ئەقسا دەرۋازىسى ئالدىدا قىلىش ئارقىلىق نارازىلىق بىلدۈرىۋاتقان جامائەتكە ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى كۆپ ھاللاردا قاتتىق قوللۇق بىلەن مۇداخىلە قىلماقتا.

يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ بولسا، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا نۇرغۇنلىغان ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا مەسجىدى ئەقسانىڭ ھويلىسىغا كىرىشىگە يول قويۇلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر