فىرانسىيەنىڭ ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى ۋەزىپىسدىن ئىستېپا بەردى

گېنېرال پېررە دە ۋىللېرسنىڭ فىرانسىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تەنقىد قىلىپ يازغان ئىستېپانامىسى «Le Figaro» گېزىتىدە ئېلان قىلىندى.

773582
فىرانسىيەنىڭ ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى ۋەزىپىسدىن ئىستېپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەنىڭ ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى پېررە دە ۋىللېرس ۋەزىپىسدىن ئىستېپا بەردى.

دە ۋىللېرس 13 – ئىيۇلدا فىرانسىيە پارلامېنتى مۇداپىئە كومىتېتىدا تەخمىنەن 50 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئالدىدا ھۆكۈمەت تۇرالغۇسى «Bercy» ھەققىدە توختىلىپ، « ئۇ يەرگە تەزىم قىلمايمەن» دېگەن ئىدى.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون 14 – ئىيۇلدىكى دۆلەت بايرىمىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئارمىيە مەسئۇللىرىغا قاراتقان ھالدا: «مەن سىلەرنىڭ رەئىسىڭلار. ئارمىيەنىڭ ۋە خەلقنىڭ ئالدىدا ئالغان قارارلىرىمدا چىڭ تۇرۇشنى بىلىمەن. ھېچ كىشىنىڭ بېسىمى ۋە ئىنكاسلىرىغا ئېھتىياجىم يوق» دېيىش ئارقىلىق دە ۋىللېرسكە جاۋاپ قايتۇرغان ئىدى.

دە ۋىللېرسنىڭ ئىستېپانامىسى «Le Figaro» گېزىتىدە ئېلان قىلىندى.

دە ۋىللېرسنىڭ مەكتۇبىدىكى «ھازىرقى شارائىتتا ئارمىيەنىڭ ئىزچىللىقىنى، فىرانسىيە ۋە فىرانسىيە خەلقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى شۇنداقلا دۆلىتىمنىڭ بۈگۈنىگە ۋە ئەتىسىگە ياردەمچى بولغىلى بولىدۇ، دەپ قارىيالمايمەن» دېگەن سۆزلىرى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

61 ياشلىق گېنېرال پېررە دە ۋىللېرس 2014 – يىلى فېۋرالدىن بۇيان ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقلىقى ۋەزىپسىنى ئۆتەپ كەلمەكتە ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر