ئافغانىستاندا زوراۋانلىق ۋەقەلىرى تۈپەيلى بۇ يىل 1662 پۇقرا ئۆلگەن

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قاراشلىق  ئافغانىستان ياردەم ئورگىنى ئافغانىستاندا زوراۋانلىق ۋەقەلىرى تۈپەيلى بۇ يىل 1662 پۇقرا ئۆلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

772570
ئافغانىستاندا زوراۋانلىق ۋەقەلىرى تۈپەيلى بۇ  يىل 1662 پۇقرا ئۆلگەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاندا بۇ يىل ئىچىدە مەيدانغا كەلگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە 1662 پۇقرا ئۆلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قاراشلىق  ئافغانىستان ياردەم ئورگىنى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بۇ يىل 1-يانۋاردىن 30-ئىيۇنغىچە ئافغانىستاندا مەيدانغا كەلگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرى تۈپەيلى ھاياتىدىن ئايرىلغان پۇقرانىڭ سانىنىڭ بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %2 ئاشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇ ئۆلۈملەرنىڭ %67گە ھۆكۈمەتكە قارشى كۈچلەر سادىر قىلغان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، بۇ كىشىلەرنىڭ %43نىڭمۇ تالىباننىڭ ھۇجۇملىرىدا ئۆلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا بۇ مەزگىلدە ئادەم بومبا ۋە بومبىلىق ھۇجۇملاردا 596 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ،  زورۋانلىق ۋەقەلىرىدە ئۆلگەن ۋە يارىلانغان پۇقرالارنىڭ %19نىڭ پايتەخت كابۇلنىڭ ئاھالىلىرى ئىكەنلىكى، كابۇلدىن قالسا ئەڭ كۆپ كىشىنىڭ  نانگارھار ۋە ھېلماند ئۆلكىلىرىدە ئۆلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا يەنە زورۋانلىق ۋەقەلىرىدە ئۆلگەن كىشىلەر ئىچىدە 174نىڭ ئايال ئىكەنلىكىمۇ بىلدۈرۈلدى.

كابۇلدا رامىزان ئېيىنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدە بىر سۇ ماشىنىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىنىڭ پارتىلتىلىشى نەتىجىسىدە 150 كىشى ئۆلگەن بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇ ۋەقەنى يېقىنقى 15 يىل ئىچىدە مەيدانغا كەلگەن ئەڭ قانلىق ۋەقە،دەپ تەرىپلەپ بايانات ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر