مۈشۈك قاتىلى 16 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىندى

ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدا 21 مۈشۈكنى ئۆلتۈرگەن روبېرت روي فارمېر، 16 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

771951
مۈشۈك قاتىلى 16 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سانتا كلارا رايونلۇق مەمۇرىي ئىشلار مەھكىمىسى سوت ئېچىپ، 26 ياشلىق فارمېرغا 16 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەندىن سىرت، ئۇنىڭ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىنكى 10 يىل بويىچە مۈشۈك سېتىۋېلىشى ياكى بېقىشىنى مەنئىي قىلدى.

«مېركۇرىي نيۇز» ناملىق بىر مەھەللىي گېزىتنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، فارمېر، سان جوزدىكى كەمبرەين باغچىسى رايونىدا 2015 – يىلى سېنتەبىردە سىرلىق شەكىلدە يوقاپ كېتىشكە باشلىغان مۈشۈكلەرنىڭ ئۆلۈك ھالەتتە تېپىلىشىدىن كېيىنكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، 2015 – يىلى 8 – ئۆكتەبىردە ئۇخلاۋاتقان يېرىدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان ۋە جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلغان.

سان جوز ساقچى تارماقلىرى قاتىل قولغا چۈشۈرۈلگەندە بايانات بېرىپ، ئاپتوموبىلىدا ئوۋ پىچىقى ۋە بىر ئۆلۈك مۈشۈكنىڭ تېپىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر