خىتاينىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەردى
خىتاينىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى بىر بىنادا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 22 ئادەم ئۆلدى.
771596
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ چاڭشۇ شەھىرىگە قاراشلىق يۈشەن بازىرىدىكى ئىككى قەۋەتلىك بىر بىنادا بۈگۈن ئەتىگەن ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 22 ئادەم ئۆلگەن، 3 ئادەم يارىلانغان.
ئالاقىدار خادىملار، ئوت ئاپىتىنىڭ پۈتۈنلەي كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى، يارىدارلارنىڭ دوختۇرخانىدا بالنىستقا ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئىگىلىنىشىچە، ئوت ئاپىتىنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىگە ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەر داۋاملاشماقتا ئىكەن.