پارس قولتۇقى كىرىزىسى تۈپەيلى ئون مىڭلارچە ھايۋان نابۇت بولدى

پارس قولتۇقى كىرىزىسى ئون مىڭلارچە ھايۋاننىڭ نابۇت بولۇشىغا سەۋەب بولدى.

769080
پارس قولتۇقى كىرىزىسى تۈپەيلى  ئون مىڭلارچە ھايۋان نابۇت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پارس قولتۇقى كىرىزىسى سەۋەبلىك 12مىڭدىن 15مىڭغىچە ھايۋاننىڭ نابۇت بولغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

بىلدۈرۈلۈشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ قاتارلىق دېھقانلارنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشى تۈپەيلى يۈزلەرچە تۆگە سۇسىزلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى چېگرادىن كۈندە پەقەت نەچچە يۈزلا تۆگىنىڭ ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلىنغان، ئىگىسى يوق ياكى ئىگىلىرى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغان تۆگىلەرمۇ ئۆلۈمگە ئىتتىرىلگەن.

سەيىد ئەل ھاجارى ئىسىملىك بىر دېھقان بۇ توغرۇلۇق مۇنداق دېدى: «ئېچىنىشلىنارلىقى شۇكى تۆگىلەر قەيەرگە بارىدىغانلىقلىرىنى بىلمەيدىغانلىقلىرى ئۈچۈن تولىمۇ مېڭىپ ھالىدىن كېتىشتى.»

دېھقان ھۈسەيىن ئەل ماررىمۇ مۇنداق دېدى : «سەئۇدى ئەرەبىستاندىن قايتقانىدىم، يولدا 100دىن ئارتۇق تۆگىنىڭ جەسىتىنى ،يەنە 100دىن ئارتۇق ئىگىسىز تۆگە ۋە قوي كۆردۈم.»

خەلقئارا ھايۋان ھەقلىرى ئورگىنىنىڭ باياناتچىسى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «دۇنيا مىقىياسىدا ئىشقا سېلىنىۋاتقان ھايۋانلار ۋە چارۋىلار توقۇنۇشلار بىلەن سىياسىي كىرىزىسلەرنىڭ ئۇنتۇلۇپ كەتكەن قۇربانلىرىغا ئايلانماقتا.»

باياناتچى يەنە مۇنداق دېدى: «بۇرۇنمۇ سومالى، مالى ۋە باشقا دۆلەتلەردە بۇنىڭغا ئوخشاش ھادىسىلەرگە شاھىت بولدۇق، ھايۋانلارنىڭ  سالامەتلىكىگە، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بارلىق ئېھتىياجلىرىنى قامداشقا ئەھمىيەت بېرىش تولىمۇ مۇھىمدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر