ئامېرىكا خىتايدىن كەچۈرۈم سوراشقا مەجبۇر بولدى
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئامېرىكىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن كەچۈرۈم سورىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى »ئورنىغا «خىتاي جۇمھۇرىيىتى»ئىبارىسىنى ئىشلەتكەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىش سەۋەبلىك كەچۈرۈم سورىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گىڭ شۇئەن كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىدە چاقىرىلغان گ-20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە كۆرۈشكەن خىتاي ۋە ئامېرىكا دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى توغرۇلۇق ئاقساراي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان رەسمىي باياناتتا، دۆلەت نامىنى خاتا يازغان ئامېرىكا ھاكىمىيىتىنىڭ خىتايدىن كەچۈرۈپ سورىغانلىقىنى ئېيتتى.
گىڭ «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت رەئىسى»ئورنىغا بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئىگىلىك ھوقۇقى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان تەيۋەن ئارىلى ئۈچۈن ئىشلىتىپ كېلىنىۋاتقان «خىتاي جۇمھۇرىيىتى دۆلەت رەئىسى»ئبىارىسىنى ئىشلەتكەن ئامېرىكىغا دەرھال دىپلوماتىك نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.
ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ «تېخنىكىلىق خاتا ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىپ خىتايدىن كەچۈرۈم سورىغانلىقىنى»ئېيتقان گىڭ، ئاقساراينىڭ بۇ خاتا ئىبارىنى تۈزەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتايدا 1949-يىلى ماۋ زېدۇڭنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىشىگە قارىتا بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئەزالىرى تەيۋەنگە قېچىپ ئارالدا مۇستەقىللىق ئېلان قىلىپ مىللەتچى خىتاي دەپ ئاتىغان تەيۋەننى قۇرۇپ چىقتى.
بىراق خىتاي تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوبۇل قىلماي ، ئارالنىڭ خىتاينىڭ بىر ئۆلكىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
نۆۋەتتە تەيۋەننى 20 دۆلەت ئېتىراپ قىلىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ.
ئافغانىستاندا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئافغانىستاننىڭ غور ۋىلايىتىدە بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان دەريا قىرغىقىغا چۈشۈپ كەتتى.