يېقىنقى 6 – 7 ئاي ئىچىدە ياۋروپاغا يېتىپ بارغان كۆچمەنلەر 100 مىڭدىن ئاشتى

ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدە ياۋروپاغا يېتىپ بارغان كۆچمەنلەرنىڭ سانى 234 مىڭ 646 كىشى بولغان ئىدى.

767038
يېقىنقى 6 – 7 ئاي ئىچىدە ياۋروپاغا يېتىپ بارغان كۆچمەنلەر 100 مىڭدىن ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاق دېڭىز ئارقىلىق ياۋروپاغا كەتكەن كۆچمەنلەرنىڭ سانى 100 مىڭدىن ئاشتى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىباتلىقى باياناتچىسى ئېلان قىلغان باياناتىدا، خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى مەنبە كۆرسىتىپ، 1- يانۋاردىن 5 – ئىيۇلغىچە بولغان ئارىلىقتا 101 مىڭ 266 كۆچمەننىڭ ئاق دېڭىز ئارقىلىق ياروپاغا يېتىپ كەلگەنلىكى ئۇقتۇردى.

بۇ كۆچۈش سەپىرى جەريانىدا سۇغا غەرق بولۇپ ھاياتىدىن ئايرىلغان كۆچمەننىڭ سانى 2297 كىشىگە يەتكەنلىكى، كۈچمەنلەرنىڭ %85 ى دېگۈدەك ئىتالىيەگە يېتىپ كېلەلىگەن بولسىمۇ،  قالغانلىرىنىڭ گېرىتسىيە، قىبرىس ۋە ئىسپانىيەگە كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدە ياۋروپاغا يېتىپ بارغان كۆچمەنلەرنىڭ سانى 234 مىڭ 646 كىشى بولغان ئىدى.

باياناتتا، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدە 2963 كۆچمەننىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، گەرچە كۆچۈش سانىدا تۆۋەنلەش بولغان بولسىمۇ، ئەمما دېڭىزدا ئۆلگەن كۆچمەنلەر نىسبىتىنىڭ 4 يىلدىن بۇيان يەنە ئوخشاش 2 مىڭ ئەتراپىدا بولۇۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر