تۆت دۆلەت قاتارنىڭ جاۋابىغا قارىتا بايانات ئېلان قىلدى

سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەين ۋە مىسىر، قاتارنى كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۆرسىتىلگەن بارلىق دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنى بىكارغا چىقىرىۋەتتى دەپ ئەيىبلىدى.

766467
تۆت دۆلەت قاتارنىڭ جاۋابىغا قارىتا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەين ۋە مىسىردىن ئىبارەت تۆت دۆلەت قاتارنىڭ 13 ماددىلىق تەلەپكە بەرگەن جاۋابىنى كۇۋەيت ئەمىرى شەيخ ساباھ ئەلئەھمەد ئەلجابىر ئەسساباھتىن تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلدى. تۆت دۆلەتنىڭ خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا، قاتار ھۆكۈمىتىنىڭ تەلەپلەرگە بەرگەن جاۋابىنىڭ «جاھىللىق» ۋە «قارشى چىقىش» بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«قاتار كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۆرسىتىلگەن بارلىق دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنى بىكارغا چىقاردى. مەزكۇر دۆلەتلەر خەۋپسىزلىكىنى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش مەقسىتىدە مۇۋاپىق دەپ قارالغان ۋاقىتتا، قانۇنىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە بارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويىدۇ. قاتارنىڭ تەلەپلەرنى قوبۇل قىلمىغانلىقى، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان باغلىنىشنىڭ سەۋىيەسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.»

باياناتتا، قاتارغا بېرىلگەن مۆھلەتنىڭ توشقانلىقىنى، شۇڭا تەلەپلەرنىڭ ئەمەلدىن قالغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر