ھامبۇرگ شەھىرىگە پۈتۈن دۇنيادىن نامايىشچىلار توپلاندى

دونالد ترامنىڭ ئاپتوموبىلىنىڭمۇ نامايىش سەۋەبىدىن يول ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولغانلىقى ۋە يىغىن ئۆتكۈزۈلىدىغان جايغا كېچىككەن ھالدا يېتىپ بارغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

766750
ھامبۇرگ شەھىرىگە پۈتۈن دۇنيادىن نامايىشچىلار توپلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى ئۈچۈن گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىگە دۇنيا رەھبەرلىرىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيادىن نامايىشچىلارمۇ توپلىنىشقا باشلىدى.

گ 20 گە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سىياسەتلىرىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن كەلگەن گۇرۇپپىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا كىچە – كۈندۈز توختىماي توقۇنۇش يۈز بەرمەكتە.

تۇقۇنۇش جەريانىدا ئاساسلىق كۆپ قىسمى ساقچىلاردىن تەركىپ تاپقان 100 دىن ئارتۇق كىشى يارىدار بولدى. نۇرغۇنلىغان ئاپتوموبىللارغا ئوت قويۇپ بېرىلدى.

نامايىشچىلار شەھەر مەركىزىگە ۋە پورت رايونىغا كىرىشنى تەلەپ قىلىشى بىلەن تەڭ جىددىيچىلىك ئەۋجىگە چىقتى. گېرمانىيە ساقچىلىرى نامايىشچىلارغا قاتتىق مۇداخىلە قىلدى.

گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرى نامايىشچىلارنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان يول ئۈستىدە قوپماي ئولتۇرۇۋېلىش نامايىشى باشىلغانلىقىنى بىراق ساقچىلارنىڭ بۇ نامايىشقا رۇخسەت قىلمىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

 خەۋەرلەردە يەنە، دونالد ترامنىڭ ئاپتوموبىلىنىڭمۇ نامايىش سەۋەبىدىن يول ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولغانلىقى ۋە كېچىككەن ھالدا يىغىن ئۆتكۈزۈلىدىغان جايغا يېتىپ بارغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

گېرمانىيە ئىقتىساد مىنىستىرى شەھەردە يۈز بېرىۋاتقان زوراۋانلىق ۋەقەلىرى سەۋەبىدىن بەزى پىروگراممىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا مەجبۇر بولدى.

گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان ھامبۇرگ شەھىرىدە، ئەتە (8 – ئىيۇلدا) ئەڭ چوڭ نامايىش ئۆتكۈزلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر