مىسىر جىددىي ھالەتنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتتى

مىسىر پارلامېنتى، پىرېزىدېنت ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسىنىڭ دۆلەت مىقياسىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان جىددىي ھالەتنىڭ مۇددىتىنى يەنە ئۇچ ئاي ئۇزارتىش توغرىسىدىكى قارارىنى ماقۇللىدى.

764929
مىسىر جىددىي ھالەتنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پارلامېنتنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىنىڭ قوللىشى سايىسىدا قوبۇل قىلىنغان جىددىي ھالەت تۈزۈمى، 2017 – يىلى 10 – ئىيۇلدىن 10 – ئۆكتەبىرگىچە بولغان جەرياندا كۈچكە ئىگە بولىدىكەن.

مىسىر ھۆكۈمىتى، پىرېزىدېنت تەرىپىدىن چىقىرىلغان <جىددىي ھالەتنىڭ مۇددىتىنى ئۈچ ئاي ئۇزارتىش قارارى> نى 22 – ئىيۇندا ماقۇللىغانىدى.

مىسىر ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن، جىددىي ھالەت تۈزۈمى دۆلەت رەھبەرلىرىنى ئالاھىدە ئىمتىياز ۋە سالاھىيەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر