خىتاينىڭ جىلىن ئۆلكىسىدە پارتلاش يۈز بەردى
خىتاينىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان جىلىن ئۆلكىسىدە گاز تۇرۇبىسى پارتلاپ، 5 ئادەم ئۆلدى.
764927
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ سوڭيۈەن شەھىرىدە مەيدانغا كەلگەن پارتلاش، ئىشچىلار تەبىئىي گاز تۇرۇببىسىدا كۆرۈلگەن كاشىلىغا مۇداخىلە قىلىۋاتقان پەيتتە يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە 5 ئادەم ئۆلگەن، 89 ئادەم يارىلانغان.
ئىگىلىنىشىچە، يارىدارلاردىن 14 ىنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن.