سەئۇدى ئەرەبىستان: قاتارنىڭ جاۋابىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تاپشۇرۇپ ئالىمىز

سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئادىل ئەلجۇبەير، قاتارنىڭ 13 ماددىلىق تەلەپلەر تىزىملىكىگە قايتۇرغان جاۋابىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تاپشۇرۇپ ئالىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

764257
سەئۇدى ئەرەبىستان: قاتارنىڭ جاۋابىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تاپشۇرۇپ ئالىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئادىل ئەلجۇبەير، دۆلىتىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زىگمار گابرىئېل بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، مېھمان مىنىستىر بىلەن پارس قولتۇقى كىرىزىسى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، تېررورلۇقنىڭ مالىيە مەنبەسىنى كېسىپ تاشلاش، ئاشقۇنلۇق ۋە ئۆچمەنلىك جىنايەتلىرىگە قارشى كۈرەشنىڭ ئەھمىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەن جۇبەير، يولغا قويۇلغان تەدبىرلەرنىڭ مۇددىئاسىنىڭ قاتار بىلەن تېخىمۇ ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىش ۋە «رايون ۋە دۇنيا ئەللىرىگە زىيانلىق، دەپ قارىغان قاتارنىڭ سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتىش» ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

«سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە بەھرەيننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى، قاتارنىڭ 13 ماددىلىق تەلەپلەر تىزىملىكىگە قايتۇرغان جاۋابىنى ئالدىمىزدىكى سائەتلەردە تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. ئارقىدىن چارشەنبە كۈنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى قاتارغا قارىتا تاشلىنىدىغان قەدەملەرنى بېكىتىپ چىقىش ئۈچۈن، جاۋاب ئۈستىدە ئەستايىدىل توختىلىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەن جۇبەير، كىرىزىسنى ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن، قاتارنىڭ مەزكۇر تەلەپلەرگە ئىجابىي جاۋاب قايتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زىگمار گابرىيېلمۇ، كىرىزىسنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە پارس قولتۇقى ئەللىرىنىڭ بىرلىكىنى ساقلاپ قېلىش مەقسىتىدە كۇۋەيتنىڭ مۇرەسسەشتۈرگۈچىلىك رولىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر