ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بىلەن بىر تۈركۈم پەلەستىنلىكلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىقتى

مەسجىدى ئەقساغا يېقىن جايدىكى بابۇل ئەسبات رايونىدا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بىلەن پەلەستىنلىكلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىقىپ 35 كىشى يارىلاندى.

763241
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بىلەن بىر تۈركۈم پەلەستىنلىكلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىشغالىيەت ئاستىدا تۇرۇۋاتقان قۇددۇستىكى بىر تۈرمىدە ئۆلۈپ كەتكەن بىر پەلەستنلىك مەھبۇسنىڭ مېيت نامىزى چۈشۈرۈۋاتقاندا  ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بىلەن پەلەستىنلىكلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىقىپ 35 ئادەم ئۆلدى.

پەلەستىن قىزىلئاي جەمئىيىتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئۆلتۈرۈلگەن پەلەستىنلىك مەھبۇسنىڭ مېيت نامىزى چۈشۈرۈۋاتقاندا مەسجىدى ئەقساغا يېقىن جايدىكى بابۇل ئەسبات رايونىدا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بىلەن پەلەستىنلىكلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا ئەسكەرلەرنىڭ پىلاستىك ئوق ۋە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئىشلىتىشى نەتىجىسىدە 35 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

يارىلانغانلار ئىچىدە بىر كىشىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىمۇ بۇ ۋەقە توغرۇلۇقمۇ بايانات ئېلان قىلىپ ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئەس-ساۋانە مەھەللىسىدىن بابۇل ئەسبات رايونىغا قاراپ ئىلگىرىلگەن جامائەتنى، پەلەستىن بايراقلىرىنى كۆتۈرۈۋېلىپ شوئارلار توۋلاشقانلىقلىرى سەۋەبىدىن بېسىقتۇرۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر