ئامېرىكىدىكى ئىككى ئىشتات خەلققە خىزمەت قىلىشنى ۋاقىتلىق توختاتتى

ئامېرىكىدىكى مايىن بىلەن نىيۇجېرسىي ئىشتاتلىرى خەلققە خىزمەت قىلىشنى ۋاقىتلىق توختاتتى.

763126
ئامېرىكىدىكى ئىككى ئىشتات  خەلققە  خىزمەت قىلىشنى  ۋاقىتلىق توختاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مايىن ۋە نىيۇجېرسىي ئىشتاتلىرى راسخوت پىلانىنىڭ مەجلىستىن ماقۇللانماسلىقى سەۋەبىدىن جىددىي مۇلازىمەتتىن باشقا نۇرغۇن مۇلازىمەت ۋە خىزمەتلەرنى ۋاقىتلىق توختىتپ قويدى.

مايىن ئىشتات باشلىقى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئەزاسى پاۋۇل لې پاگ مالىيە يىلىنىڭ ئاخىرقى كۈنى بولغان 30-ئىيۇن كەچكىچە ئىشتات مەجلىسىدىن راسخوت پىلانىنىڭ  ماقۇللانماسلىقى تۈپەيلى جىددىي مۇلازىمەتلەر سىرتىدىكى نۇرغۇن مۇلازىمەت خىزمەتلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پاۋۇل لې پاگ بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئەھۋال ئىشتاتىمىزنىڭ بۈگۈنكى ياكى ئەتىسىگە مۇناسىۋەتلىك بولماستىن، بەلكى كېلەچىكىگە مۇناسىۋەتلىكتۇر. شۇڭا راسخوت پىلانىنىڭ بۇرۇنراق ماقۇللىنىشى لازىم.»

ئوخشاشلا نىيۇجېرسېي ئىشاتىمۇ مالىيە يىلىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە راسخوت پىلانىنىڭ ئىشتات مەجلىسىدە ماقۇللانماسلىقى ۋەجىدىن، ھۆكۈمەتنىڭ بىر قىسم خىزمەتلەرنى توختىتىپ قويۇشقا مەجبۇر بولدى.

نىيۇجېرسىي ئىشتات باشلىقى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئەزاسى چىرىس چىرىستېي قارارنامە ئىمزالاپ جىددىي مۇلازىمەتلەر سىرتىدىكى مۇلازىمەت ۋە خىزمەتلەرنى توختىتىپ قويۇشقا يوليۇرۇق چۈشۈردى.

يوليۇرۇق چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن ئىشتاتتىكى نۇرغۇن مۇلازىمەت ۋە خىزمەتتىن باشقا باغچىلار، مۇزېيلار، دېڭىز ساھىللىرى، ساياھەت ئورۇنلىرى ۋە مەدەنىيەت-سەنئەت مەركەزلىرىنىڭ ۋاقىتلىق تاقىۋېتىلىدىغانلىقى،  بىراق جىددىي مۇلازىمەت قىلىدىغان ئورۇنلارنىڭ خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكىدىكى ئىشتات مەجلىسلىرىدە جۇمھۇرىيەتچىلەر بىلەن دېموكراتچىلارنىڭ ئىختىلاپلىرى تۈپەيلى پات-پات راسخوت مەسىلىلىرى ۋە  ئىشتات  ھۆكۈمەتلىرى  پاسسىپ  ھالغا چۈشۈپ قالىدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر