ئافرىقىدىكى 28 دۆلەت ئاچارچىلىق گىردابىدا ئىڭرىماقتا
ئافرىقىدىكى 24 دۆلەت ئېغىر دەرىجىدە ئاچارچىلىق ھادىسىسىگە دۇچ كەلمەكتە.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافرىقىدىكى 28 دۆلەتتە ئېغىر دەرىجىدە ئاچارچىلىق ھادىسىسى يۈز بەرگەنلىكى، تۇنىس بىلەن ئالجىرىيەدە بولسا ئاچارچىلىق ھادىسىسىنىڭ ئېغىر ئەمەسلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەرىپىدىن تەييارلانغان ئافرىقىدا 2015- ۋە 2016-يىللىرىدا ئېلىپ بېرىلغان خىزمەتلەردىن ھاسىل بولغان نەتىجىلەرنى مەزمۇن قىلغان ئاچارچىلىق ھادىسىسىگە مۇناسىۋەتلىك دوكلات، ئېفىيوپىيەنىڭ پايتەختى ئەددىس-ئەبېبەدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئېلان قىلىندى.
قىتئەدىكى ماراكەش، تۇنىس ۋە ئالجىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئاچارچىلىقنىڭ ئېغىر ئەمەسلىكى ئەسكەرتىلدى.
ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقى ئىبراھىم ماياقى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە پەيدا بولغان مەسىلىلەرنى جىددىي ھەل قىلىش لازىملىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئالدى بىلەن ئوزۇقلىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش لازىم»دېدى.
ماياقى يېزا-ئىگىلىك ۋە سەھىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەمكارلىق ئورنىش لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ.
ئافغانىستاندا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئافغانىستاننىڭ غور ۋىلايىتىدە بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان دەريا قىرغىقىغا چۈشۈپ كەتتى.