ئافغانىستاندا بومبىلىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ 9 ئادەم ئۆلدى

ئافغانىستاننىڭ شەرقىگە جايلاشقان نانگارھار ۋىلايىتىدە بومبىلىق ھۇجۇم مەيدانغا كەلدى.

762635
ئافغانىستاندا بومبىلىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ 9 ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ شەرقىگە جايلاشقان نانگارھار ۋىلايىتىدە بومبىلىق ھۇجۇم مەيدانغا كېلىپ 9 ئادەم ئۆلدى.

نانگارھار ۋالىي مەھكىمىسى باياناتچىسى ئاتاۋۇللاھ ھوگيانى ئاچىن ناھىيەسىنىڭ باندېر رايونىدا يول بويىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىنىڭ يولۇچىلارنى ئېلىپ ماڭغان بىر ئاپتوموبىل رايوندىن ئۆتۈۋاتقاندا پارتىلتىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ھوگيانى ھۇجۇمدا بەش كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ھازىرغىچە ھېچكىم ئۈستىگە ئالمىغان بولسىمۇ، ھوگيانى دائېشنى بۇ ھۇجۇمنى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر