مەشھۇر پۇتبول چولپىنى مېسسى تويلۇق سوۋغىتىنى ئىئانە قىلىۋەتتى

بارسېلونا پۇتبول كوماندىسى ۋە ئارگېنتىنا دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ پۇتبول ماھىرى لىيونېل مېسسى تويلۇق سوۋغىتىنى ئىئانە قىلىۋەتتى.

762643
مەشھۇر پۇتبول چولپىنى مېسسى تويلۇق سوۋغىتىنى ئىئانە قىلىۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بارسېلونا پۇتبول كوماندىسى ۋە ئارگېنتىنا دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ پۇتبول ماھىرى لىيونېل مېسسى ئانتونېللا روكۇززو بىلەن روسارىيو شەھىرىدە توي قىلدى.

ئارگېنتىنانىڭ پايتەختى بۇئېنۇس ئايرېسقا 300 كىلومېتىر كېلىدىغان روسارىيو شەھىرىدىكى بىر مېھانسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن توي مۇراسىمىغا قاتناشقان 150دەك مېدىيا خادىمىنىڭ نىكاھ ۋە توي ئەسناسىدا كۆرۈنۈش ئېلىشىغا رۇخسەت قىلىنمىدى.

250دەك ئالاھىدە مېھمان قاتناشقان توي مۇراسىمىغا ئۇرۇگۋايلىق مۇزىكا ئەترىتى ماراما  بىلەن پۇتبولچى ئاگۇرونىڭ قىز دوستى، بارسېلونالىق پۇتبولچى رىكنىڭ ئايالى كولومبىيەلىك ناخشىچى شاكىرامۇ قاتناشتى، بۇنىڭدىن باشقا توي مۇراسىمىدا ئارگېنتىنالىق سەنئەتچى كارىنامۇ ناخشا ئوقىدى.

مېسسى بىلەن ئانتونېللا مېھمانلاردىن توي سوۋغىتىنى ئۆزلىرىگە بەرمەي ئۆي-ماكانسىزلارغا خىزمەت قىلىدىغان « Techo »ئىسىملىك بىر ئىجتىمائىي تەشكىلاتقا ئىئانە قىلىشنى تەلەپ قىلدى.  

توي باغاچىسىغا يېزىلغان «خوشاللىقىمىزنى ھەمكارلىق پائالىيىتىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن»دېگەن ئىبارىلەرنىڭ ئاستىدا Techo ۋەقپىسىگە ياردەم قىلىش تەلەپ قىلىنغان خەتمۇ كۆزگە چېلىقىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر