ئافغانىستاندا پارتلاش يۈز بەردى

ئافغانىستاننىڭ جۈزجان ۋىلايىتىنىڭ مەنگەجىك ناھىيەسىدە يول بويىغا كۆمۈپ قويۇلغان بومبىنىڭ پارتلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

762203
ئافغانىستاندا پارتلاش يۈز بەردى
afganistan teror.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ شىمالىغا جايلاشقان جۈزجان ۋىلايىتىنىڭ مەنگەجىك ناھىيەسىدە پارتلاش يۈز بېرىپ، ئۈچ قوغدىغۇچى خادىم ھاياتىدىن ئايرىلدى. جۈزجان ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇلھااىز ھاشى ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا بەرگەن مەلۇماتىدا، مەنگەجىكنىڭ قازان نارۇ رايونىدا يول بويىغا كۆمۈپ قويۇلغان بومبىنىڭ قوغدىغۇچى خادىملار ئۆتۈۋاتقاندا پارتلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش ئىشلىرىنىڭ باشلانغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

پارتلاش ۋەقەسىگە تېررورلۇق تەشكىلاتى تالىبان مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر