ئىسرائىلىيە غەززەلىك بىلىقچىلارنى ئۆلۈمگە ئىتتىرمەكتە

ئىسرائىلىيە بۇ قېتىم غەززەلىك بىلىقچىلارنىڭ دېڭىزدىكى بېلىق تۇتۇش مۇساپىسىنى يەنە تۆۋەنلەتتى.

760570
ئىسرائىلىيە غەززەلىك بىلىقچىلارنى ئۆلۈمگە ئىتتىرمەكتە

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززە خەلقى قورشاۋ ئاستىدا ھاياتلىق كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئىسرائىلىيە غەززە خەلقىنىڭ ئەڭ چوڭ تۇرمۇش مەنبەسى بولغان بىلىقچىلىق ئىشلىرىغىمۇ مۇداخىلە قىلماقتا.

ئىسرائىلىيە بۇ قېتىم غەززەلىك بىلىقچىلارنىڭ دېڭىزدىكى بېلىق تۇتۇش مۇساپىسىنى يەنە تۆۋەنلەتتى. ئىسرائىلىيە ماي ئېيىدا بۇ مۇساپىىنى 9 دېڭىز مىلىغا چىقارغان ئىدى.

غەززەدە تەخمىنەن 4 مىڭ كىشى بىلىقچىلىق قىلىدۇ. 50 مىڭ كىشىنىڭ تۇرمۇشى بىلىقچىلىق بىلەن قامدىلىنىدۇ. ئىسرائىلىيەنىڭ چەكلىمىلىرى بولسا، غەززەلىك بىلىقچىلارنى ئۆلۈمگە ئىتتىرمەكتە.

بىلىق تۇتۇش مۇساپىسىنىڭ پات پات تۆۋەنلىتىلىشى بىلىقچىلىق ساھەسىنىمۇ خەۋپكىمۇ ئىتتىرمەكتە.

ئوسلو ئەھدىنامىسىغا بىنائەن پەلەستىنلىكلەر 20 دېڭىز مىلى مۇساپىسى ئىچىدە بىلىق تۇتۇش ھوقۇقىغا ئىگە. بىراق ئىسرائىلىيە ھەر دائىم بۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىپ كەلمەكتە ۋە ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن بەلىگىلەنگەن مۇساپىدىن ئېشىپ كەتكەن غەززەلىكلەرگە قاتتىق مۇاخىلىلەردە بولماقتا. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر