ئەل قائىدەنىڭ يەمەندىكى كاتتېبىشى ئۆلتۈرۈلگەن

ئامېرىكا ئارمىيەسى مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى (CENTCOM) يەمەننىڭ شەبۋا ۋىلايىتىدىكى ھاۋا بومباردىمانىدا، تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەل قائىدەنىڭ شەبۋا رەھبىرى ئەبۇ خاتتاب ئەلئەۋلاقىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

758735
ئەل قائىدەنىڭ يەمەندىكى كاتتېبىشى ئۆلتۈرۈلگەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئارمىيەسى مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى يەمەننىڭ شەبۋا ۋىلايىتىدىكى ھاۋا بومباردىمانى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ 16-ئىيۇلدا شەبۋا ۋىلايىتىدە ئەل قائىدەنىڭ شەبۋا رەھبىرى ئەلخاتتاب ئەلئەۋلاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ ئەل قائىدە ئەزاسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، «بومباردىماندا ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ئەل قائىدەنىڭ شەبۋا ۋىلايىتى رەھبىرى خاتتاب ئەلئەۋلاقىي ئىككى ياردەمچىسى بىلەن بىللە ئۆلتۈرۈلدى» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە، ئەلخاتتاب ئەلئۋلاقىنىڭ ئەل قائىدەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ نۇرغۇن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى پەيدا قىلغانلىقى ۋە يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى مۇقىمسىزلىقنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، ئامېرىكىنىڭ ھاۋا بومباردىمانىنى يەمەن ھۆكۈمىتى ۋە پارس قولتۇقىدىكى باشقا ئىتتىپداقداشلىرى بىلەن ماشلاشقان ھالدا قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر