ب د ت بالىلار پاراۋانلىق فوندى: 5 مىليوندىن ئارتۇق بالا جىددىي ياردەمگە موھتاج

ب د ت بالىلار پاراۋانلىق فوندى، ئىراقتا 5 مىليوندىن ئارتۇق بالىنىڭ جىددىي ياردەمگە موھتاج ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

757804
ب د ت بالىلار پاراۋانلىق فوندى: 5 مىليوندىن ئارتۇق بالا جىددىي ياردەمگە موھتاج

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت  بالىلار پاراۋانلىق فوندىنىڭ يېڭى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، ئىراقتا زوراۋانلىق ۋەقەلىرى قايتىدىن باشلانغان 2014 – يىلىدىن بۇيان بالىلارنىڭ «ئايىغى چىقماس زوراۋانلىق» بىلەن «كۈچىيىپ بېرىۋاتقان يوقسۇللۇق ئىسكەنجىسى» ئارىسىغا قىسىلىپ قالغانلىقى قەيت قىلىندى.

دوكلاتتا، ئىراقتىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە يانۋار ئېيىدىن بۇيان 152، يېقىنقى ئۈچ يىلدا بولسا، 1075 بالىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى؛ يەنە، مۇشۇ يىلنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا 225، يېقىنقى ئۈچ يىلدا بولسا جەمئىي 1130 كىچىك بالىنىڭ مېيىپ بولۇپ قالغانلىقى ياكى يارىلانغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ب د ت  بالىلار پاراۋانلىق فوندىنىڭ «كېتىدىغان جاي قالمىدى» ماۋزۇلۇق مەزكۇر دوكلاتىدا، «2014 – يىلىدىن بۇيان ئىراقتا 4650 بالا ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ تاشلاندى ياكى ئىگە – چاقىسىز قالدى. 138 مەكتەپ، 58 دوختۇرخانا ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. 3 مىليوندىن ئارتۇق بالا مۇنتىزىم ھالدا مەكتەپكە بارالمىغان بولسا، 1 مىليون 200 مىڭ بالا  مەكتەپكە پەقەتلا بارالمىدى» دېگەندەك سانلىق مەلۇماتلارغا ئورۇن بېرىلمىدى.

بالىلار پاراۋانلىق فوندىنى ئىراق ۋەكىلى پېتېر خاۋكىنس دوكلات ھەققىدە توختىلىپ، «ئىراق مىقياسىدىكى بالىلار پۈتۈنلەي ۋەھىمە ۋە تەسۋىرلىگۈسىز زوراۋانلىققا گۇۋاھ بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئۇلار يېقىنقى تارىخنىڭ ئەڭ رەھىمسىز ئۇرۇشلىرىنىڭ بىرىدە ئۆلتۈرۈلدى، يارىلاندى، تۇتۇپ كېتىلدى ۋە مەجبۇرىي ئۆلتۈرۈشكە مەجبۇرلاندى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر