سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى تەخت ۋارىسى شاھزادىسىنى ئالماشتۇردى

سەئۇدى ئەرەبىستاندا تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن نايىفنىڭ ئورنىغا پادىشاھ سەلماننىڭ ئوغلى ئىككىنچى تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان تەيىنلەندى.

756942
سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى تەخت ۋارىسى شاھزادىسىنى ئالماشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى –سپا، سەئۇدى ئەرەبىستان خان جەمەتى مەھكىمىسىنىڭ قارارنامە چىقىرىپ، بىرىنچى تەخت ۋارىسى، باش مىنىستىر ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد بىن نايىفنى پۈتكۈل ۋەزىپىلىرىدىن ئېلىپ تاشلىغانلىقىنى؛ مۇداپىئە مىنىستىرى مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ بىرىنچى تەخت ۋارىسى ۋە باش مىنىستىر بولغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋەزىپىسىنىمۇ داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قارارنامە ئارقىلىق سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھىنىڭ سايلىنىشىنى مەزمۇن قىلغان ئاساسىي قانۇننىڭ 50 – ماددىسىغا «پادىشاھ، قۇرغۇچى رەھبەر ئابدۇلئەزىز بىن ئابدۇرراھمان بىن سۇئۇدنىڭ ئوغۇللىرى ئارىسىدىن تاللىنىدۇ» دېگەن بەلگىلىمە «دۆلەتنى باشقۇرىدىغان كىشى، قۇرغۇچى رەھبەر ئابدۇلئەزىز بىن ئابدۇرراھمان بىن سۇئۇدنىڭ ئوغۇللىرى ۋە نەۋرىلىرى ئارىسىدىن تاللىنىدۇ» دەپ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلدى.

بەندەر بىن فەيسال بىن بەندەر بىن ئابدۇلئەزىز دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى ئورگىنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا؛ ئەمىر فەيسال بىن سەتتام بىن ئابدۇلئەزىز ئال سۇئۇد، ئىتالىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىككە؛ ئەمىر خالىد بىن بەندەر بىن سۇلتان بىن ئابدۇلئەزىز گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىككە؛ئەمىر ئابدۇلئەزىز بىن سۇئۇد بىن نايىف بولسا، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر