پاكىستان ئافغانىستان چېگراسىنى تىكەنلىك سىم بىلەن چىتلاش قۇرۇلۇشىنى باشلىدى

پاكىستان ئارمىيەسى بايانات بېرىپ، ئافغانىستان چېگراسىنى تىكەنلىك سىم بىلەن چىتلاشقا باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

756934
پاكىستان ئافغانىستان چېگراسىنى تىكەنلىك سىم بىلەن چىتلاش قۇرۇلۇشىنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان ئارمىيەسى بايانات بېرىپ، ئافغانىستان چېگراسىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، «خەۋپ دەرىجىسى يۇقىرى جايلار» نىڭ تىكەنلىك سىم بىلەن چىتلىنىشقا باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى. باياناتتا، تىكەنلىك سىم چىتلىرىنىڭ ئىككى باسقۇچتا پۈتكۈزۈلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ھالدا، «بىرىنچى باسقۇچتا باجائۇر، موھماند ۋە خەيبەر قەبىلىلەر رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەۋپ دەرىجىسى يۇقىرى جايلار چىتلىنىدۇ. ئىككىنچى باسقۇچتا بولسا، بېلۇجىستان ئۆلكىسى چېگراسى چىتلىنىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى ۋە مەزكۇر چىتنىڭ ھەر ئىككى دۆلەت ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

ئىككى دۆلەت ئارىسىدا «دۇران سىزىقى» دەپ ئاتىلىدىغان 19 – ئەسىردە ئەنگلىيەلىكلەر تەرىپىدىن سىزىلغان 2400 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇققا ئىگە چېگرا بار بولۇپ، پەشتۇن مىللىتىنى ئىككى ئايرىم دۆلەتكە ئايرىۋەتكەن دۇران سىزىقىنى ئافغانىستان ئېتىراپ قىلمايدۇ.

ئىسلامئاباد بىلەن كابۇل ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بىر – بىرلىرىنى ئۆز زېمىنلىرىدىكى تېررورچىلارغا كۆز يۇمۇش بىلەن ئەيىبلىمەكتە.

پاكىستان، دۆلەت تەۋەلىكىدە يېقىنقى مەزگىللەردە كۈچىيىپ كەتكەن ھۇجۇملارنىڭ ئافغانىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، فېۋرال ئېيىنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن بۇيان ئىككى چېگرا ئېغىزىنى تاقىۋالدى.

پاكىستان باش مىنىستىرى ناۋاز شەرىف، 20- مارتتا چېگرانىڭ قايتىدىن ئېچىلىشى توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر