ئالەم بوشلۇقىدىكى تۇنجى دۆلەت <ئاسگاردىيە> گە تۈركىيەدىن ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە كۆپ ئىلتىماس

تەخمىنەن 100 مىڭ كىشى ياشايدىغان دۇنيا ئوربىتىسىدا قۇرۇلغۇسى ئالەم بوشلۇقى پونكىتى ئۈچۈن تۇنجى قەەم تاشلاندى.

756498
ئالەم بوشلۇقىدىكى تۇنجى دۆلەت <ئاسگاردىيە> گە تۈركىيەدىن ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە كۆپ ئىلتىماس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇنجى ئالەم بوشلۇقى دۆلىتى لايىھەسى پۇقرالىقى ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغۇچىلارنىڭ سانى 221 مىڭ 866 گە يەتتى.

     خىتاي ئالدىنقى رەتتىن ئورۇن ئالغان ئىلتىماسلاردا تۈركىيە 29 مىڭ 844 كىشى بىلەن ئىككىنچى قاتاردىن ئورۇن ئالدى، تۈركىيەدە ئەڭ كۆپ ئىلتىماس ئىستانبۇلدىن سۇنۇلدى. ئاسگاردىيەدە ياشىماقچى بولغانلار ئالەم بوشلۇقى ساياھىتى، ئالەم بوشلۇقى كانچىلىقى، كۆكتېشى ئوۋچىلىقى ۋە ئالەم بوشلۇقى تازىلىقى قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. ئاسگاردىيە ئۆزىنىڭ بايرىقى، ئاساسىي قانۇنى، مىللىي مارشى بولغان مۇستەقىل بىر دۆلەت سۈپىتىدە لايىھەلەندى، بىراق ئاسگارىيە پۇقرالىرى ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ پۇقرالىقىنىمۇ ساقلاپ قالىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر