دەمەشىقتە سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى ئەسەد قىسىملىرىنى چېكىندۈردى

دەمەشىقنىڭ شەرقىي گۇتا ناھىيەلىرىدە سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى ئەسەد قىسىملىرىنى چېكىندۈردى.

756499
دەمەشىقتە سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى ئەسەد قىسىملىرىنى چېكىندۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە بەششار ئەسەد قىسىملىرى دەرئا ۋىلايىتى بىلەن پايتەخت دەمەشىقنىڭ شەرقىي گۇتا ناھىيەلىرىگە ھۇجۇم قوزغىدى.

ئەسەد قىسىملىرى ئۆتكەن شەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان 48 سائەت ئوق چىقىرىشنى توختىتىش كېلىشىمىنىڭ مۇددىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئەتىگەندە دەرئا شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا ئۆكتىچىلەرگە ھۇجۇم قوزغاشقا باشلىدى.

دەرئادىكى ئۆكتىچى ھەربىي قوماندانلاردىن ھۇسەيىن ئەبۇ زەيىت مۇنداق دېدى: «قىسىملىرىمىز دەرئانىڭ غەربىدىكى ھاۋا مۇداپىئە قىسىملىرى رايونىغا ھۇجۇم قىلغان  ئەسەد قىسىملىرى بىلەن بىر قىسىم قوراللىق كۈچلەرنى چېكىندۈردى.»

ئەبۇ زەيىت  توقۇنۇشلاردا ئەسەد قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈپ، 15دەك ئەسەد ئەسكىرىنى ئۆلتۈرگەندىن سىرت، ئىككى تانكا ۋەيران قىلىۋەتكەنلىكلىرىنى ۋە نۇرغۇن قورال قولغا چۈشۈرگەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ئۆكتىچىلەر ئەسەد قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈش ئارقىلىق دەرئا ۋىلايىتىنىڭ مەركىزىنى غەربتىكى يېزىلارغا تۇتاشتۇرىدىغان رايونغا بېسىپ كىرىشىگە توسالغۇ بولدى.

ئەسەد قىسىملىرى يەنە 4 يىلدىن بۇيان قورشاۋ ئاستىدا تۇرۇۋتقان دەمەشىقنىڭ غەربىي گۇتا رايونىدىكى جوبار، زەمەلكە ۋە ئاين تەمە مەھەللىلىرىنى بومباردىمان قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر